13-ئىيۇل كۈنى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبونىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 5 يىل تولغان خاتىرە كۈندۇر. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتايدا فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە تۈرمىدە ۋاپات بولغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 13-ئىيۇل كۈنى نيۇ-يورك، لوندون قاتارلىق شەھەرلەردە، شۇنداقلا ياپونىيە، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا خىتاي ئۆكتىچىلىرى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ليۇ شاۋبو ۋاپاتىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرلىگەن.
ليۇ شاۋبو بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ 2008-يىلى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ خىتايدا فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى «2008 ئاساسى قانۇن نىزامنامىسى» نى ئېلان قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان، 2009-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. بىراق ئۇ 2017-يىلى تۈرمىدە جىگەر راكى بىلەن ۋاپات بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ غەرب ئەللىرىگە بېرىپ داۋالىنىشىنى رەت قىلغان ئىدى. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندىكى خاتىرلەش پائالىيىتىگە لياۋ يىۋۇ، يەن كېفۇ قاتارلىق چەت ئەللەردىكى خىتاي يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئاخبارات ئەركىنلىكى پائالىيەتچىلىرى قاتناشقان.
پائالىيەتتە سۆزگە چىققان بەزى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 70 يىلدىن بېرى نۇرغۇنلىغان «ليۇ شاۋبولار» نىڭ بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىنىپ كەلگەنلىكى، «تەيۋەنلىكلەرنىڭ بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار تەيۋەن ھۆكۈمىتىدىن ليۇ شاۋبونىڭ ھەيكىلىنى ئاممىۋى مەيداندا تىكلەشكە سورۇن ھازىرلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. 2010-يىلى ليۇ شاۋبو تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىتايدا تىنچلىق ۋە دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى.