خىتاينىڭ يادرو سىناق بازىسى جايلاشقان لوپنۇر ناھىيەسىدە 4.9 بال يەر تەۋرىگەن

خىتاينىڭ ئاساسلىق يادرو سىناق بازىسى جايلاشقان ئورۇنغا يېقىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە 24-ئىيۇن كۈنى 4.9 بال يەر تەۋرىگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىگە 93 كىلومېتىر، لوپنۇر ناھىيە بازىرىغا 186 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى ۋە يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 5 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە ئاز دېگەندە ئۈچ كەنتنىڭ جايلاشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ يادرو سىناق بازىسى لوپنۇر ناھىيەسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، خىتاي 1964-يىلى مەزكۇر سىناق بازىسىدا 1996-يىلغىچە ئاز دېگەن 46 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان. يېقىندا ئامېرىكادىكى بەزى تەتقىقات ئورۇنلىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن خىتاينىڭ لوپنۇردىكى سىناق بازىسىدا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا قايتا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى، بەزى يادرو پارتلىتىش قۇدۇقلىرىنى قايتا رېمونت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 18 كىلومېتىر بولۇپ، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 24-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. خەۋەردە، ھازىرغا قەدەر يەر تەۋرەشتە ئادەم يارىلانغانلىقى ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق مەلۇمات يوقلۇقى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىغا 10 كىشىلىك بىر قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكى، يەر تەۋرەش رايونىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ نورمال كېتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ، لوپنۇر ناھىيەسىدە يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن 2-قېتىملىق يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدۇ. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭدىن 13 كۈن ئاۋۋال يەنى 11-ئىيۇن كۈنى 5 بال يەر تەۋرىگەن.

بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئۆتكەن قېتىملىق يەر تەۋرەش بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بىر رايوندا يۈز بەرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن تەبئىي ئاپەتلەرگىمۇ نازۇك سىياسىي مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلغاچقا، تەبئىي ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرەپ، ئۇچتۇرپاننىڭ يامانسۇ قاتارلىق يېزىلىرى قاتتىق تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەشكە دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان. توردا يەر تەۋرەشكە ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلارنى «ئۆسەك سۆز» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ جازالىغانىدى.