لوپنۇرنىڭ «يېشىل ئېنېرگىيە توكى» چۇڭچىڭ بىلەن سىچۈەنگە ماڭدۇرۇلىدىكەن
2024.11.28
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 28-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شامال بەلبېغى دائىرىسىگە قۇرۇلغان شامال كۈچى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى توك ئىستانسىلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان توك چۇڭچىڭ بىلەن سىچۈەننىڭ توك ئېھتىياجىنى تەمىنلەشكە ماڭدۇرۇلىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش چاقىلىق ناھىيەسىدىن باشلانغان «شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» 4-لىنىيە قۇرۇلۇشى دائىرىسىدىكى توك ئىشلەپچىقىرىش تۈرى بولۇپ، شامال كۈچى، يەنى توك چاقپەلىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان توك مىقدارىنى 60 مىليون كىلوۋاتقا، قۇياش ئېنېرگىيەسى، يەنى كۈنتاختا بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان توك مىقدارى 260 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈش پىلانلانغان.
2027-يىلىغا بارغاندا، «شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» 4-لىنىيە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، چۇڭچىڭ بىلەن سىچۈەننى ھەر يىلى 40 مىليارد كىلوۋات سائەت توك بىلەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە «يېشىل ئېنېرگىيە» توك مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 50 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولىدىكەن.
بۇ خەۋەردە يەنە، ئىككى يىلدىن بۇيان بايىنغولىن ئوبلاستى ھۆكۈمىتىنىڭ «قاقاس چۆللۈكتە يېشىل ئېنېرگىيەلىك توك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» قۇرۇشقا كۈچەپ، قاتار-قاتار يورۇقلۇق ۋولت كۈنتاختىلىرى ۋە رەت-رەت شامال چاقپەلەكلىرى ئورناتقانلىقى، بۇ غايەت زور كۆلەملىك ئەسلىھەلەرنىڭ 3 مىليون كىلوۋاتتىن كۆپ توك چىقىرالايدىغانلىقى، بۇنداق ئەسلىھەلەرنى يەنە داۋاملىق كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكىرى خىتايغا توك يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرىنىمۇ ماس قەدەمدە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى 2023-يىلى 9-ئايدا بەرگەن بىر خەۋەردە، «شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» يولغا قويۇلغان 2010-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىن ئىچكىرى خىتايغا 3 لىنىيە بويىچە توشۇلغان ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ جەمئىي 701 مىليارد 995 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر توكىنىڭ 208 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى تەشكىل قىلىدىغان «ئېنېرگىيە ئامبىرى» بولۇپ قالغان بولۇپ، كۈنتاختا سانائىتى تېز سۈرئەتتە گۈللەنگەن دەۋرنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان يىللارغا توغرا كېلىشى كۆزەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2023-يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، يەر شارى كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىق ئۇيغۇر رايونىغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. دوكلاتتا، تەتقىقاتچىلار دۇنيا كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى 16 چوڭ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئانالىز قىلىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشى مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.