ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى تىپلىق قوراللارنى كونترول قىلىشقا ئائىت بىر دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھالدا ئىنتايىن تۆۋەن پارتلاش كۈچىگە ئىگە يادرو سىناقلىرى قىلىۋاتقان بولۇش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«ۋال-سترىت ژۇرنىلى» نىڭ دوكلاتتىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدىكى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە قول قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى يادرو سىنىقى بازىسىدا مەخپىي يوسۇندا يادرو سىنىقى قىلىۋاتقان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. چۈنكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەردە لوپنۇردىكى بازىدا 2019-يىلىدىن بۇيان ئادەتتىن تاشقىرى ھەرىكەتلىنىش كۆرۈلگەن ئىكەن.
بۇ ھەرىكەتلىنىش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دوكلاتتا ئۇلار خىتاينىڭ ھەقىقەتەن يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق پاكىت بولماسلىق بىلەن بىرگە لوپنۇردىكى بۇ ھەرىكەتلىنىشنىڭ ئىنتايىن شۈبھىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ لوپنۇر سىناق مەيدانىنى بىر يىل بويىچە قوللىنىشقا تەييارلىق قىلىشى، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئىشلىتىشى ۋە لوپنۇردا كەڭ كۆلەملىك قېزىش ئەپ بېرىشىدەك ئەھۋاللار شۇنداقلا خىتاينىڭ يادرو سىنىقى پائالىيەتلىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقتەك بىر قاتار سەۋەبلەر ئۇنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىدەك گۇماننى پەيدا قىلدى.»
مەزكۇر خەۋەر خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى. بىراق خىتاي تەرەپ دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەرنى ئىنكار قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بېيجىڭدىكى كۈندىلىك دوكلات بېرىش يىغىنىدا: «ئامېرىكانىڭ ئەيىبلىشىنىڭ قىلچىلىكمۇ ئاساسى يوق، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،» دېگەن.
بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: «خىتاينىڭ زامانىۋى قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈرئىتى ۋە ئۇسۇلى كىشىگە ئەندىشىگە سالىدۇ، خىتاي چوقۇم خەلقئارالىق قائىدىلەر بويىچە كونترول ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەك،» دېگەن.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەخپىي ھالدا يادرو سىنىقى قىلىۋاتقان بولۇش ئېھتىماللىقى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئاللىقاچان يىرىكلەشكەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.