26-ئىيۇن پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، «توردا ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دېگەن باھانىدە،توردا ئۇچۇر تارقاتقانلارنى جازالىدى.
شىنجاڭ قانۇن تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 26-ئىيۇندىن 15-ئىيۇلغىچە، توردا تارقالغان «ئىغۋا خاراكتېرلىك ئۇچۇرلاردىن 802 سى بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىغۋا ئۇچۇر تارقاتقان 199 كىشى ئېنىقلانغان. ئۇلاردىن 72 كىشىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلگەن.» خەۋەردە يەنە، بۇ خىل «ئىغۋا تارقاتقۇچىلار»نىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق، ئاقما نوپۇستىكىلەر ۋە بىر قىسىم ياش ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە خىتايدا ئۇچۇر كونتروللۇقى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ،دائىرىلەرنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا ئۇچۇرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.