جەنۇبىي ئافرىقىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى تۈتۈ يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدىكى خىتاي يازغۇچىسى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، بىر ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى.
مەزكۇر ھەرىكەت قوللىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسى بويىچە 140 نەپەردىن ئارتۇق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ۋە 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ چاقىرىققا قول قويغان.
سەيشەنبە كۈنى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ دەن ۋە ئۆركەش دۆلەتلەر تەيۋەندە مەزكۇر ئىمزا پائالىيىتى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان. ئۇلار سۆزىدە تەيۋەن ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى ليۇ شاۋبونىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى 120 گە يېقىن دۆلەتتىكى قوللىغۇچىلار تەرىپىدىن ئىمزالانغان بۇ خەت يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلماقچى. ئۆكتىچى خىتاي يازغۇچى ليۇ شاۋبو «2008 خىتابنامىسى» نى تەييارلاپ، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.