دۈشەنبە كۈنى 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇس ليۇ شاۋبونىڭ جىگەر راكىنىڭ ئاخىرى باسقۇچىدا بولغىنى ئۈچۈن، تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشىغا يول قويۇلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ليۇ شاۋبونى شەرتسىز قويۇپ بېرىش چاقىرىقى كۈچەيدى.
غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبونى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى. 27-ئىيۇن كۈنى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك گۇرۇھلار خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئىدارىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شاغا ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىمۇ، 26-ئىيۇن كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ليۇ شاۋبو ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئۆركەش دۆلەتمۇ 27-ئىيۇن كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن فېيسبوكتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.