خىتاينىڭ رابىيە قادىردىن ساۋاق ئېلىپ ليۇ شاۋبونى قويۇپ بەرمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.07.12

خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ كېسىلى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا.

خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ليۇ شاۋبونىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ بەكلا ئېغىرلىقى ۋە چەتئەلگە يۆتكىگۈچىلىكى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر بولسا ليۇ شاۋبونىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئەمما يەنە داۋاملىق داۋالاپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلغان.

گۇئاردىيان گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار خىتاينى ليۇ شاۋبونىڭ چەتئەلدە داۋالىنىشىغا يول قويۇشقا داۋاملىق تۈردە چاقىرىق قىلماقتا.

خەۋەرلەردە، ليۇ شاۋبونىڭ چەتئەلدە داۋالىنىشىغا يول قويۇلماسلىقتا خىتاينىڭ سىياسىي ئەندىشىلىرىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىم تەجرىبىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى، 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ماقالىسىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نامىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگودا مەھبۇسلارنى چەتئەلگە داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىدىغان ئىش بۇرۇنمۇ بولغان، مەسىلەن، رابىيە قادىر، ئەمما ئۇ چەتئەلگە چىققاندا بۇرۇن بەرگەن سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشماسلىق، جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ھەققىدىكى ۋەدىسىنى بۇزغان.»

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان يەرشارى ۋاقتى گېزىتىدىكى مەزكۇر ماقالىدە يەنە «ئەگەر ليۇ شاۋبومۇ رابىيە قادىر قىلغاننى قىلسا، غەربتە تېخىمۇ كۆپ بازار تاپىدۇ» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.