ليۇ شاۋبونىڭ چەتئەلدىكى قوللىغۇچىلىرى ھەرخىل شەكىلدە تەزىيە بىلدۈرۈشتى

نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبو ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەقىب ۋە نازارەتلىرى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قوللىغۇچىلىرى ئاۋازىنى چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى، ئەمما ئۇنىڭ چەتئەللىك قوللىغۇچىلىرى ھەر خىل شەكىللەردە تەزىيەلىرىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ليۇ شاۋبونىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ شەنبە كۈنى داليەن شەھىرىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى يولۋاس ساھىلىدا جەسەت كۈلى دېڭىزغا چېچىلغان. ليۇ شاۋبونىڭ نيۇيورك ۋە سىدنېيدىكى بىر قىسىم قوللىغۇچىلىرى دېڭىز ياقىلىرىغا بېرىپ رەسىم كۆرگەزمىسى قىلىش ۋە مەرسىيە ئوقۇش شەكلىدە تەزىيە بىلدۈرسە، يەنە كۆپلىگەن قوللىغۇچىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەزىيە بىلدۈرگەن.

پاكىستانلىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مالالا يوسۇپزادە بۈگۈن ليۇ شاۋبو ھەققىدە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە كىشىلەرنى ليۇ شاۋبونىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ليۇ شاۋبونىڭ ۋاپاتىغا قارىتا بىر تەزىيەنامە ئېلان قىلغاندىن باشقا «ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈمىدىن ئويلىغانلىرىم» ماۋزۇلۇق بىر تەسىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى بىر ئۆكتىچىگىمۇ مەرھەمەت قىلمىغانلىقىنى غەيرىي ئىنسانىيلىق دەپ ئەيىبلىگەن.