ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنىڭ مەسىلىسىنى سۆزلەشمەكچى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.21

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەئىد رائاد ئەل ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى يېقىندا ۋاپات بولغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنىڭ ئەركىنلىكىنى بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەئىد رائاد ئەل ھۈسەيىن پەيشەنبە كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىم بار. بىز ھازىر دىققىتىمىزنى ئۇنىڭ ئايالىغا مەركەزلەشتۈردۇق. بىز ئۇنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئەگەر ئۇ خىتايدىن ئايرىلىشنى ئىستىسە، خىتاي ئۇنىڭ ئايرىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك» دېگەن. ليۇ شاۋبو بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا جىگەر راكى سەۋەبلىك ۋاپات بولغان ئىدى.

2009‏-يىلى «ئاغدۇرمىچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق قاماق قازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ليۇ شاۋبو، 2010‏-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شيا شۇنىڭدىن بېرى نەزەربەند ئاستىدا ياشاپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شيانىڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت ۋە باشقا چەتئەل دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرىپ كەلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت ئالىي كومىسسارى زەئىد رائاد ئەل ھۈسەيىن خىتاينىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ب د ت ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق دەۋرىدە ماقۇللىغان ئېنىق قارارى بارلىقىنى، (كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى) تەنقىدلەش باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

رائاد ئەل ھۈسەيىن: «شۇڭا، مەن خىتاينى ۋە مۇشۇنداق قاراشتىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى قانۇنلۇق دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلىمەن. بىزنىڭ قولىمىزدا دەستىكىمىز بار. بۇ يەردە سۇيىئىستېمالنى بىز ئەمەس، ئۇلار قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.