خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي رەھبىرى ما شىڭرۇي 30-مارت كۈنى خوتەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مۇقىملىقنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەنىلا «ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئامىل» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۇي 2021-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن بېرى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىي سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 30-مارت كۈنى خوتەندە مۇقىملىقنىڭ «ھەممىدىن ئۈستۈن» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ما شىڭرۇي خوتەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە تۇتۇشنى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى ھەر ۋاقىت ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان. خىتاي تارتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ما شىڭرۇينىڭ خوتەندە ج خ تارماقلىرىنى، كارخانىلارنى، بولۇپمۇ كومپارتىيەنىڭ يېزا-كەنتلەردىكى ئاساس قاتلام كونتروللۇق خىزمىتىنى تەكشۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۇي «شىنجاڭدا ئاساسى قاتلام خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا تېخىمۇ مۇھىم» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا خوتەن خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپلا قالماي، بەلكى يەنە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ۋە «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭمۇ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۇي خوتەن ج خ تارماقلىرىغا قىلغان سۆزىدە خوتەندىكى ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچلىرىنى ئۈنۈملۈك كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ «بىر تەرەپ قىلىش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى، يېزا-كەنتلەرنىڭ بىرىنچى قول سېكرېتارى ۋە يېزا-كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ما شىڭرۇي يەنە شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىش سەپىرىدە ئۈرۈمچىدە توختاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۈەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئىزچىل بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» نى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۇي ئۆتكەن ھەپتە غۇلجادا ئۈچ كۈنلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئارقىسىدىنلا 30-مارت خوتەندە تەكشۈرۈشتە بولغان.