خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي ئەمەلدارى ما شىڭرۈي 12-ماي كۈنى تەكلىماكاننىڭ غەربىي-جەنۇبىغا جايلاشقان گۇما، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «خىتاي ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى» نى يەنە تەلەپ قىلغان.
ما شىڭرۈينىڭ بۇ جەريانىدا 2024-يىلى 23-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان «غەربنى ئېچىش سۆھبەت يىغىنى» دا شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈي بۇ قېتىم شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «‹تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق› يېڭى ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىجرا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى غەربنى ئېچىشنى ئالغا سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنىڭدەك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتىنىڭ شىنجاڭدىكى دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش» نى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 23-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن «غەربنى ئېچىش سۆھبەت يىغىنى» دا خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا شى جىنپىڭ «مىللىي رايونلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى بەرپا قىلىشنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرگە تەتبىقلىشى كېرەك» دېگەنىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش سالمىقى ۋە ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دىققەت قوزغىماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈي يەنە قەشقەر بىلەن خوتەننىڭ خوتەندە سانائەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، خۇدسون ئاقىللار مەركىزى 2023-يىلى نويابىردا ئېلان قىلغان خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدىكى دوكلاتتا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى ئاجىزلىقلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلماسلىقى، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.