ما شىڭرۇي بېيجىڭنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى «ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان كۈرەش پوزىتسىيەسى» بىلەن ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان

غەرب ئەللىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدە بېسىم قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىن چاقىرىپ، بېيجىڭنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشتىن سىگنال بەرگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينىڭ قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى باھالايدىغان يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنە مۇھىم كۈنتەرتىپنى ئىگىلىشى پەرەز قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بېيجىڭنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ تەلەپنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يانۋار چاقىرىلغان «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىل نۇتقى ۋە مەركەزنىڭ تاشقىي ئىشلار خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش يىغىنى» دا ما شىڭرۇي ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە بېيجىڭنىڭ سىياسىتىنى «تەۋرەنمەس روھىي ھالەت ۋە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان كۈرەش پوزىتسىيەسى» بىلەن ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

يىغىندا ما شىڭرۇي مۇنداق دېگەن: «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويۇش كېرەك. تەۋرەنمەس روھىي ھالەت ۋە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەۋرەنمەس كۈرەش پوزىتسىيەسى بىلەن خىتايچە زامانىۋېلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىلىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك». ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ۋە مىللىي گۈللىنىشنىڭ شىنجاڭ بابىنى يېزىشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك» ئىكەن. بۇ يىغىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا چاتاق چىقىپ، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، راكېتا قىسىملىرىنىڭ گېنېراللىرى، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىقتىسادى ناچارلىشىپ، ئىشسىزلىق ئارتقان، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كاساتلاشقان، چەت ئەل مەبلىغى خىتايدىن چېكىنىۋاتقان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە لىتىي كاربونات، پولىسىلىكون قاتارلىق خام-‍ئەشيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىش خىرىسىغا دۇچ كەلگەن بىر ۋاقىتتا چاقىرىلغان ئىدى.