ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 7-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرىغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، «شىنجاڭنىڭ ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت خىزمەتلىرىدە ئاساسىي ئېقىمنى ئومۇملاشتۇرۇش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ما شىڭرۇي بۇ يىغىندا، «ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئاساسىي ئېقىم ئېڭىنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» نى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«شىنجاڭدا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىدىيە ۋە جامائەت پىكرىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز. شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرى كۈرىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقى ۋە بىر گەۋدىلىشىشنىڭ تارىخى پاكىتلىرىنى نامايان قىلىمىز.»
يۇقىرىقى خەۋەردە دېيىلگەن گەپلەر دەل خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چاغانلىق پائالىيەتلەر تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلغان، ئۇيغۇرلار بولسا پۈتۈنلەي خىتايچە ئادەت ۋە قىياپەتلەر بىلەن بۇ بايرامنى تەبرىكلەشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەھۋالغا ماس كەلمەكتە. بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» چەمبىرىكى ئىچىدە قايتا يېزىپ چىقىش، بارلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى خىتاي ئېيتىمى بىلەن شەرھلەش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا تەشۋىقات قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ما شىڭرۇينىڭ يۇقىرىدىكى يوليورۇقىدىن، بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.