خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 26-فېۋرال چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئىلى ئوبلاستىغا بېرىپ، «خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» داۋامىدا، غۇلجا شەھىرىدىكى يەرلىك ساقچىخانىلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۇي 2-ئاينىڭ 25-كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى خىزمەت تەكشۈرۈشىدە، نۇقتىلىق ھالدا «شەرقىي شىنخۇا يولى ساقچىخانىسى» نى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ساقچىخانىنىڭ خىزمەت ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ساقچىخانىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى، ساقچىلارنىڭ قورال، تېخنىكا ۋە ماھارەت جەھەتتىكى كۈچىنى ئاشۇرۇشنى، «يوشۇرۇن خەتەرنى بايقاش ۋە توغرا پەرق ئېتىش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ما شىڭرۇي يەنە غۇلجا شەھىرىدىكى كونا مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ شەھەردە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان مەھەللىلەرنى «خىتايچە ئۇسلۇب بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىك بىرلەشكەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولغان» شەكىلدە قۇرۇپ چىقىشنى بۇيرۇغان.
ما شىڭرۇينىڭ ئىلى ئوبلاستىغا قىلغان بۇ قېتىملىق خىزمەت تەكشۈرۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلىگەندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جاينىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. بۇ خەۋەردىن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ تۈزلەپ، خىتايچە ئۇسلۇبتىكى بىنالارنى تىكلەپ، ئىقتىسادىي كۈچنى ئارقا تىرەك قىلغان خىتاي مەدەنىيىتى ھۆكۈمرانلىقىنى بەرپا قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل قۇرۇلۇشنى جەنۇبتىكى قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلەردىمۇ كۈچەپ ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭ سىياسەت نامى ئاستىدا يۈرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.