ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي 21-ئاپرىل كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نۆۋەتتىكى سىياسىي ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇنىڭ كونكىرېت ھالقىلىرىنى شەرھىيلىگەن.
ئۇ «ئۇنىۋېرسال دۆلەت خەۋپسىزلىكى نۇقتىئىينەزەرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەم كاپالەتكە ئىگە قىلىش قىلايلى» ناملىق بۇ باش ماقالىسىدا: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىدىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر رايونىدا ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش «تېررولۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى يوقىرى بېسىملىق سىياسەتلەرنى بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۇي ماقالىسىدە ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇر ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش؛ سىياسىي-قانۇن تەپەككۇرىنى قوللىنىش ئارقىلىق سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش؛ سىستېمىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق سىرتقىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ دىئالېكتىكىلىق تەپەككۇرنى قوللىنىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى ماسلاشتۇرۇش؛ ئەڭ تۆۋەن چەك (قىزىل سىزىق) تەپەككۇرۇنى قوللىنىپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خىرىسنى يوقىتىش قاتارلىق 5 نۇقتا بويىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنى شەرھىيلىگەن.
ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «شىنجاڭ دۆلىتىمنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسىقى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ئالاھىدە مەسىلىلىرى مەۋجۇت. شۇڭا شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بىز شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي نىشاننىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيىتىنى ئىنچىكە كۆزىتىشىمىز، دۇنيادىكى يېقىنقى بىر ئەسىردە كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشلەرگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانلىرىنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى قاتتىق يولغا قويۇشىمىز كېرەك.»
ما شىڭرۇي ماقالىسىدە يەنە ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا سولاش ھەرىكىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە ئۇنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەپ يازغان: «شىنجاڭدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە يولغا قويۇپ، مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئاشقۇن ۋە زوراۋان تېرورلۇق كۈچلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق باستۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە جاپالىق ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مىللەت، دىن مەسىلىلىرىنى دەستەك قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك، سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. چەت ئەللەردىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ‹شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى كونترول قىلىش› پىلانىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.»
ما شىڭرۇي ماقالىسىدە يەنە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»، «دۆلەت تىلى» «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» ۋە «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىشى» دېگەندەك بىر قاتار سىياسىي تېرمىنلارنى ئىشلىتىپ، رايوندىكى ئاسسىملاتسىيە سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت كومپارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىشنى تەلەپ قىلغان.
چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، ما شىڭرۇينىڭ «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بۇ ماقالىسىغا جىددىي قارىماقتا. ئۇلار، ما شىڭرۇينىڭ بۇ ماقالىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ئىستراتيېگىيەسىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن، دەپ قاراشماقتا. ئۇلار يەنە ما شىڭرۇينىڭ بۇ ماقالىسى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدە بۇندىن كېيىن قىلچىمۇ ياخشىلىنىش بولمايدىغانلىقى، ئەكسىچە رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، قايتا تەربىيە ۋە ئاسسىملاتسىيە قاتارلىق يۇقىرى بېسىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.