ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي 27-ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېىلغان مەخسۇس يىغىندا سۆز قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى كۈچەيتىش، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۇي 27-ئاپرېل كۈنىدىكى تەكشۈرۈش خىزمەت يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق يولغا قويۇشنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «سىياسىي تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئومۇمىييۈزلۈك ۋە قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ نازارەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ھەققىدە نوقتىلىق توختالغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز چوقۇم سىياسىي مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرۇشىمىز، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشىمىز كېرەك. تەكشۈرۈش نازارەتچىلىكى ۋە باشقا نازارەتچىلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بەلگىلىمە، ئىنتىزام ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۇي چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسىي ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن خىزمەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكىنى ساقلاش، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى تۇرغۇزۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننى يۇغۇرۇش قاتارلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى قاتتىققوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. ما شىڭرۇي تېخى ئالدىنقى كۈنىلا خوتەن ۋىلايىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ما شىڭرۇي ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى، رايوندا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتىكەن.