ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 7-ماي كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش، ئۇلۇغچات قاتارلىق جايلىرىنى زىيارەت قىلغاندا چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنى، بىخەتەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى چوڭ ھوقۇقلۇق مەزكۇر ئەمەلدارىنىڭ يېقىنقى بىر ئايدىن بېرى 2-قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا بويىدىكى شەھەر، ناھىيەلىرىنى زىيارەت قىلىپ، چېگرانى قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ خوتەننى زىيارەت قىلىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۈينىڭ نېمە ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن چېگرا رايونغا بېرىپ، چېگرا مۇداپىئەسى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندە خىزمەتنىڭ ئاساسى نىشانىنى ئىقتىسادى تەرەققىياتقا قارىتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن خوتەن ۋە قىزىل سۇنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چېگرانى قوغداشنى تەكىتلىشى خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قىزىغان بىر پەيتتە ھىندىستان چېگراسى ۋە ۋاخان كارىدورىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ما شىڭرۈي ئاتۇش، ئۇلۇغچات قاتارلىق جايلاردا قىلغان سۆزىدە، شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم سۆز ۋە يوليورۇقلىرىنى، مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇپ: «پۈتۈن كۈچ بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خەلقنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، چېگرانى كۈچەيتىش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ۋە چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر ۋە مۇقىم سىياسىي-ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك» دېگەن.
«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ سەپىرىدە ئاتۇش شەھىرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى، سۈنتاغ يېزىسىدىكى ساقچىخانا، ئۇلۇغچاتنىڭ جىغان يېزىسىدىكى قىرغىزىستان بىلەن بولغان چېگرانى تەكشۈرگەن.