ما شىڭرۇينىڭ ماقالىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشنىڭ يەنىمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى خەلقئارادا زور تەنقىد ۋە قىسمەن جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو 2021-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۇي ئىشقا قويۇلغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ خىزمەتكە چۈشكەن دەسلەپكى بىرنەچچە ئايدا سۆزلىگەن سۆزلىرى نۆۋەتتىكى سىياسىي تەدبىرلەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشتىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. 11-ماي كۈنى ما شىڭرۇينىڭ نامىدا «خەلق گېزىتى» ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان «پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئىجرا قىلايلى» تېمىسىدىكى باش ماقالىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بەش يىلدا ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا بولىدىغانلىقىنى رەسمىي ھالدا جاكارلىدى.

باش ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق سىياسىي خىزمەتلەرنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر قوللۇق لايىھەلىگەنلىكى ۋە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇ جايدىكى خىزمەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى يېتەكچى ئىدىيەسى، مەقسىتى ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ چارىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. «پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئىستراتېگىيەنى ما شىڭرۇي «بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشنىڭ قىبلىنامىسى. بىز بۇنى قەتئىي ئېغىشماستىن تولۇق ۋە توغرا ئىجرا قىلىشىمىز لازىم،» دەپ كۆرسەتكەن.

ما شىڭرۇي ماقالىسىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش» ناملىق ئۈچىنچى بۆلىكىدە، «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇش؛ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش؛ پارتىيە باشقۇرۇشىدىكى تەشۋىقات، پارتىيە باشقۇرۇشىدىكى ئىدېئولوگىيە ۋە پارتىيە باشقۇرۇشىدىكى تاراتقۇلارنى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇرۇش؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىدە ‹ۋەتەن ئېڭى›، ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى›، ‹جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېڭى› تۇرغۇزۇش؛ ‹جۇڭخۇا كلاسسىك ئوقۇشلۇقلىرى قۇرۇلۇشى› ۋە ‹رادىيو-تېلېۋىزىيە سەرخىل ئەسەرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى› نى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىش»، شۇنداقلا ئاتالمىش «جۇڭخۇا كىملىكى ئاساسىدىكى مىللەت ۋە دىن قارىشىنى تۇرۇغۇزۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

ما شىڭرۇي نۆۋەتتىكى «سىياسىي ئىستراتېگىيە» نى ئىجرا قىلىشنى «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»، «ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىققا ئىگە قىلىش»، «خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» دېگەندەك شوئارلار بىلەن نىقابلىغان بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك زىيارەتلىرى جەريانىدا ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر «ئىتتىپاقلىق» نىڭ ئۇيغۇرلار شەرتسىز رېئايە قىلىدىغان تۈر ئىكەنلىكى، «خەلق ئاممىسى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى. يېرىم يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى نازارەت ۋە ئىدارىلەرنى بىر-بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان ما شىڭرۇينىڭ مەزكۇر باش ماقالىسى نۆۋەتتە ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى سېكرېتارلىق خىزمىتىنى قانداق ئادا قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىنامىسى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.