ما شىڭرۇي ئۇيغۇر رايونىدا «شىنجاڭ تەشۋىقاتى ئىدىيەسى» شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.05.19

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئىدىيەۋى خىزمەتنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش ھەققىدە سۆز قىلغان.

ئۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ «مۇقىملىقى» ۋە «ئەبەدىي ئەمىنلىكى» نى ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس «شىنجاڭ تەشۋىقاتى ئىدىيەسى» شەكىللەندۇرۇشنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇشۇ ئىدىيەنى قورال قىلىپ، خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئورگان ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقاتى» سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:

«بىز ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىدىيە ۋە جامائەت پىكىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي تېمىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېما تەشۋىقاتى، ۋەزىيەت تەشۋىقاتى، سىياسەت تەشۋىقاتى، مۇۋەپپەقىيەت تەشۋىقاتى ۋە تىپىك تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. ئىنتېرنېتنى توشۇغۇچى سۈپىتىدە ياخشى ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى مۇھىم خەۋەر تور بېكەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتېرنېتنى تەشۋىقاتنىڭ مۇھىم توشۇغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ۋە تور ئۇچۇر ساھەسىنى غەرب ئاخباراتى بىلەن كۇچ سىنىشىشقا تەرغىپ قىلغان بۇلۇپ، «رايوندا بارلىققا كەلگەن زور تەرەققىياتلارنى، خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش كېرەك،» دېگەن.

ئۇيغۇر ئدپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي يېقىندىن بۇيان ھەدەپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش، «جۇڭخۇا ئارزۇسى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، «چوڭ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش» دېگەندەك مەزمۇنلاردا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ سېگنالىنى بېرىپ كەلمەكتە.

ما شىڭرۇي بۇ ماقالىسىدە يەنە ئاتالمىش «‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› نى شەكىللەندۈرۈش، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش» ھەققىدە سۆز قىلغان. ئۇنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» شوئارىنى قايتا تەكىتلەپ، خىتايدا بىر دۆلەت، بىر مىللەت ۋە بىر مەدەنىيەت بارپا قىلىش چاقىرىقىنى تىلغا ئېلىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم رادىيومىزغا قىلغا سۆزىدە ما شىڭرۇينىڭ بۇ سۆزلىرى بىر ياقتىن ئۇنىڭمۇ چېن چۈەنگودىن پەرقسىز بىر خىتاي ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر ياقتىن ئۇنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئازالىقىغا كىرىشتەك سىياسىي غەرىزىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ، دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.