ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ باش ئىجراچىلىرىدىن بىرى دەپ قارالغان ما شىڭرۇي يېقىندا «شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىك مەبلەغ سېلىش شىركىتى»، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى قاتارلىق جايلاردا «خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش» تە بولغان ھەمدە بۇ ئورۇنلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن بىر قىسىم يوليورۇقلارنى بەرگەن.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي بۇ قېتىمقى خىزمەت تەكشۈرۈشى جەريانىدا تاشقى ئالاقە ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ ئوبوروت قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتە قىلغان، شۇنىڭدەك «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غەربكە قارىتىلغان ئېچىۋېتىشنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش لازىم» دېگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىدا بولسا يەرلىك ئالاھىدىلىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق مال يۆتكەشتىكى رىقابەتتە باشلامچى بولۇشنى تەكىتلىگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق خەلقئارادا زور تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىشكە باشلىغان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» دېگەندەك تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى پەردازلاشقا ئۆتكەنىدى. ھالبۇكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار چىقارغان دوكلاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ساياھەتكە تەشكىللەش پائالىيەتلىرى بىردەك «قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ ئەيىبلەنگەنىدى. بۇ جەھەتتە خىتاي دۇچ كەلگەن يەنە بىر «ئۆتكۈر مىق» دەل ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىدار بولۇش-بولماسلىقى ھەققىدىكى ئۆتكەل بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن بىڭتۈەننىڭ تاشقى سودا ئېكسپورتى زور تەسىرگە ئۇچراشقا باشلىغان. ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىمقى نەق مەيدان يوليورۇقلىرى دەرۋەقە بۇ خىل رېئاللىقنىڭ مۇئەييەن ئىنكاسى، دەپ قارالماقتا.