ما شىڭرۈينىڭ سۇ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سۆزلىرى دىققەت قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي يېقىندا ئۆزىنىڭ خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيانقى «تەكشۈرۈش» پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ ۋىلايەتلىرىدە تارىم دەرياسىنىڭ سۇ ئىشلىرىغا دائىر خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ سۇ ئىشلىرى ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش» نى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدەك سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كېپىللىك قىلىشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 24-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش جەريانىدا ما شىڭرۈي ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ بايلىقىنىڭ بارلىق تەرەققىياتلارنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، شۇ قاتاردا بۇ جاينىڭ خىتاي ئۈچۈن «ئېنېرگىيە ئامبىرى» بولۇشتىن باشقا يەنە «ئاشلىق ئامبىرى» بولۇش رولىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتىكەن. نۆۋەتتە ۋىرۇس ۋاباسى ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي جازالىرىدىن ئىقتىسادىي جەھەتتە سەلبىي ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى يېڭى بازا قىلىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنماقتا، دەپ قارالماقتا. مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىرى ئەنە شۇ خىل چوڭ ۋەزىيەتنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتىكەن.