ما شىڭرۈي، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى شەكىللەندۈرۈشكە قارىتىشقا چاقىرغان

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق ئەمەلدارى ما شىڭرۇي 26-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىگە سۆز قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىنىڭ «زور ۋە جىددىي مەسىلىلەر» نى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشتا دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رايوندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسى تەتقىقات نىشانىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشكە ‍ئوخشاش زور تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ سالمىقى ھەم قىممىتى بار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يارىتىشى كېرەك» ئىكەن.

بۇ ما شىڭرۈينىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم رايوندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىگە ئۇلارنىڭ تەتقىقات نىشانى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مەزكۇر رايوننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىدىكى غوللۇق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تازىلاپ چىقىرىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئائىت كىتابلارنى «بۆلگۈنچىلىك» تەرغىب قىلىنغان، دېگەن ناملاردا بىردەك چەكلىگەن. بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر سەرخىللىرى لاگېر-تۈرمىلەرگە قامالغان ياكى ئىز دېرەكسىز يوقالغانىدى.

«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۈي يۇقىرىقى سۆزلەرنى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ‍ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دەۋرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، زور ۋە جىددىي مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق زور مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك».