خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 22-ئىيۇن كۈنى «مۇنەۋۋەر ساقچىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى دوكلات قىلىش يىغىنى» ئېچىپ، «تېررورلۇققا زەربە بېرىپ مۇقىملىقنى قوغداش» نى قانۇنلاشتۇرۇش، دائىمىلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى تەكىتلىگەن ھەمدە «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ساغلام ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇھىت يارىتىش» نى تەلەپ قىلغان.
يىغىندا 10 نەپەر دوكلاتچى ئۈرۈمچى، قۇمۇل، يەكەن، قاراماي، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىكى «ئىلغار ساقچى ئەترەتلىرى» نىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا، «خەلق قەھرىمانى» دەپ ئاتالغان غەيرەت مامۇت، راخمان ئەھەت قاتارلىق 4 نەپەر ساقچىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلىگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گۇما ناھىيە كۆكتېرەك يېزا ساقچىخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى غەيرەت مامۇت 2013-يىل «تېررورچىلارنى قوغلاپ تۇتۇش» ھەرىكىتىدە، ئاتالمىش بىر «تېررورچى» نى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. 2016-يىل 9-ئايدا غەيرەت مامۇت ساقچى ئەترىتىنى باشلاپ، «تېررورچىلارنىڭ كاتتىۋېشى» نى قاپسىۋېلىپ تۇتاي دېگەندە، چىقىش يولى تاپالمىغان «تېررورچى» ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان، غەيرەت مامۇتمۇ نەق مەيداندا ئۆلگەن.
2017-يىل خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى غەيرەت مامۇتقا «مەملىكەتلىك ج خ سىستېمىسىدىكى 1-دەرىجىلىك قەھرىمان» دېگەن نامنى بەرگەن؛ 2019-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا خىتاي ساقچىلىرى ئىچىدىن چىققان «خەلق قەھرىمانى» دېگەن نامنى بەرگەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قەھرىمانلىرى» كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنماقتا. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە كۆرسىتىلگىنىدەك، چېن چۈەنگونىڭ «قارشىلىق قىلغانلارنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈش» بۇيرۇقى غەيرەت مامۇتتەك رەھىمسىز ساقچىلارنى قۇترىتىپ، ئۇلارنى ئۆز خەلقىنىڭ قاتىللىرىغا ئايلاندۇرغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇلار تېپىلغۇسىز ئۈلگە ۋە «خەلق قەھرىمانى» ھېسابلانغان.