ما شىڭرۇي ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرىغا خىتاي-ئوزبېكىستان ئورتاق تەقدىرداشلىقىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 9-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوف بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي-ئۆزبېكىستان ئورتاق تەقدىرداشلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ‍ئالغا سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆرۈشۈشكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازمۇ قاتناشقان. ئابدۇللا ئارىپوف خاڭجودا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇرامىسىغا قاتنىشىپ قايتىش سەپىرىدە ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەرەپلەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خىتاي-ئۆزبېكىستان ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئابدۇللا ئارىپوف ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا، ئەسۋاب ئىشلەپچىقىرىشى، يېڭى ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق، مىس، خىمىيەلىك دورا ۋە دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ما شىڭرۇي خىتاي-ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت رەھبىرى ۋە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئۆزبېكىستاندىكى يەرلىك ئورۇنلار بىلەن ئىقتىسادىي-سودا ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇدىغانلىقى، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى، خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئورتاق تەقدىرداشلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشىمىز» دېگەن. ئابدۇللا ئارىپوف، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كېلەر يىلنىڭ باشلىرى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىدىغان، ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان، لېكىن ئۆزبېكىستان ب د ت دا ئىزچىل خىتاينى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۈرۈمچىگە كەلگەن.