ما شىڭرۇي چەت ئەللىك خىتايشۇناسلارنى قىرغىنچىلىقنىڭ ھىمايىچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان 2023-يىللىق «چەت ئەللىك ياش خىتايشۇناسلارنى تەربىيەلەش شىنجاڭ سىنىپى» يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 20 كۈنلۈك ئوقۇشتىن كېيىن ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، فىلىپپىن، گېرمانىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن 23 نەپەر ياش خىتايشۇناسنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي قوبۇل قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياش خىتايشۇناسلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ما شىڭرۇي «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە بىز پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى، شۇنىڭدەك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنى تولۇق ئىزچىللاشتۇردۇق. بۇ ‍ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ھەققىدىكى بوھتانلىرىغا قايتۇرۇلغان بىر كۈچلۈك رەددىيە» دېگەن. شۇنىڭدەك ھەرقايسى خىتايشۇناسلارنى خىتاي ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشقا تەكلىپ قىلغان.

يىغىنغا قاتناشقان ياش خىتايشۇناسلار ئۆزلىرىنىڭ 20 كۈنلۈك نەق مەيدان زىيارىتى ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا بۇ جايدىكى بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىياتتىن ھەيرانۇ ھەۋەس بولغانلىقىنى زوق-شوخ بىلەن بايان قىلغان. شۇنداقلا «تاشقىي دۇنيانىڭ ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئىلىم ساھەسىدىكى بىر زور تارماق بولغان «خىتايشۇناسلىق» قا ئۆزلىرىنى بېغىشلىغان بۇ ياشلارنى ئىلىم ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ باش ئىجراچىلىرىدىن بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان ما شىڭرۇينىڭ قوبۇل قىلىشى، شۇنىڭدەك ئۇلارنى ‍ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا تەكلىپ قىلىشى نۆۋەتتە زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولماقتا.

«خىتايشۇناسلىق» ئىلمى ئۆتكەن بىرنەچچە ئەسىردە كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئالىملارنى يېتىلدۈرۈپ چىققان بولۇپ، شۇلار قاتارىدا ئېدۋارد شاۋان (Edouard Chavannes)، پائۇل پېللىيوت (Paul Pelliot)، نىكىتا بىچۇرىن (Bichurin Nikita)، ئوۋېن لاتتىمور (Owen Lattimore) قاتارلىقلار ئۇيغۇر دىيارى، شۇنىڭدەك قەدىمكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرغان ئىدى.