ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۇي شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېڭى تېيىنلىگەن پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۇي شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى» دە داۋاملىق چىڭ تۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۇي 26-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى رايوندىكى كادىرلارغا قىلغان سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، رايوندا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئاممىۋىي تەرتىپنى ئىزچىل قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ بۇ سۆزلىرى بەزى غەرب دۆلەتلىرى، خەلقارالىق مۇستەقىل سوت مەھكىمىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» دە بۇندىن كېيىنمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسى 25-دېكابىر تۇيۇقسىز قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۇەنگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئورنىغا گۇاڭدوڭ ئ‍ۆلكىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۇينى يۆتكەپ كەلگەن. چېن چۇەنگو مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېر، ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىنپ، ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ «پىلانلىق، سىستىمېلىق ۋە مەقسەتلىك» ئازايتىلىشىدا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك خەلقئارادا جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىلىرى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ما شىڭرۇي 26-دېكابىر ئاچقان تۇنجى كادىرلار يىغىنىدا، «بىز شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى قەتئىي ساقلىشىمىز كېرەك. ئاسانغا توختىمىغان بۇ مۇقىملىقنى ئارقىغا قايتۇرۇشقا يول قويماسلىقىمىز لازىم» دېگەن. ئۇ سۆزىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ۋە ئۇنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش پىلانى» نى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقى، «يۇقۇرى سۈپەتلىك ئىقتىسادى تەرەققىىيات» نى ئالغا سۈرۈدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. بىراق ئۇ كونكىرېت ئىجرائاتلار توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىغان.

62 ياشلىق ما شىڭرۇي ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئ‍ۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ، ئۇنى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرۇغان بىر ۋاقىتتا پارتكوم سېكرىتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.