ما شىڭرۇي بىڭتۈەننىڭ نوپۇس كۆتۈرۈش سىغىمچانلىقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 18-سېنتەبىر «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ غۇلجادا تۇرۇشلۇق 4-دىۋىزىيەسىنىڭ كۆكدالا شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بىڭتۈەننىڭ نوپۇس كۆتۈرۈش سىغىمچانلىقىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ما شىڭرۇينىڭ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىش سەپىرىدە تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىدە توختاپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق قول سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى، «تەستە قولغا كەلگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش يەنىلا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇشى» نى، مۇقىملىقنى «تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش» ئۈچۈن ئىشلىتىشنى، رايوندا «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى داۋاملىق ئالغا سۈرۈشنى تەلەپ قىلىشىدىن بېرى، تۇنجى قېتىم غۇلجادا تەكشۈرۈشتە بولۇشىدۇر.

«تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۇي قازاقىستان بىلەن بولغان قورغاس چېگراسىدىكى كۆكدالا شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يەرلىك ئەمەلدارلارغا يوليورۇق بېرىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، خىتاينىڭ رايوندىكى يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى بولغان بىڭتۈەننىڭ نوپۇس كۆتۈرۈش سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ما شىڭرۇي مۇنداق دېگەن: «ببىڭتۈەننىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر جەھەتتىكى بايلىق تەقسىماتىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، بىڭتۈەنگە قاراشلىق دىۋىزىيە، شەھەر، پولك ۋە مەيدانلارنىڭ ئىگىلىك ۋە نوپۇس كۆتۈرۈش سىغىمچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.»

ما شىڭرۇي، بىڭتۈەننىڭ «يېتەكچى ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك شەھەر-بازار پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈپ، سانائەت بىلەن شەھەرلەرنى، شەھەر بىلەن يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ رادىياتسىيە كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتىن بۇرۇنلا بىڭتۈەننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەسىرى، ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى ساقلاشتىكى رولىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ نوپۇسى ۋە كۆلىمىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشكە كىرىشكەن. خىتاينىڭ رايوندىكى مەزكۇر يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى بولغان بىڭتۈەن ئىلگىرى كانادا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان ئاكتىپ رولى سەۋەبلىك جازالانغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ما شىڭرۇي بىڭتۈەن دائىرىلىرىگە يەنە «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش» نى تەكىتلىگەن.