ما شىڭرۈينىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانى يەنىلا مۇقىملىققا، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشكەن

«تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 19-فېۋرال چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېچىلغان «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھات كومىتېتى» چاقىرغان يىغىندا سۆز قىلىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك پارتكوم رەھبەرلىكىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، مەدەنىيەتتە يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گىرەلەشمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي بۇ قېتىم يەنە، «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىن كۈچەيتىش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سابىق ئەمەلدار چېن چۈەنگو دەۋرىدىن باشلاپ كۈچەيتكەن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئەمدى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغان قانۇن-تۈزۈمگە ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشنىڭ قەبىھ ۋاسىتىسىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.

بىڭتۈەن قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇنى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش» نىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تايانچ كۈچى قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان 10 يىل مابەينىدە بىڭتۈەن ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشىپ، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشقا قاتناشسا، بىر ياقتىن يۈز مىڭلىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەلگەن.