ئاۋسترالىيە پارلامېنتى «ماگنىتىسكى قانۇنى» نى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى

«سىدنېي ئەتىگەنلىك ئاۋانگارتلىرى» گېزىتىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى تولۇق ئاۋاز بىلەن «يەرشارى ماگنىتىسكى قانۇنى» نى ماقۇللىغان. بۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا چەكلىمە قويۇش ۋە جازا ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن ئاۋسترالىيە بۇ خىلدىكى ھەقلەرنى ئاياق-ئاستى قىلغۇچىلار ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى دۇنيانىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جازالاشقا يول ئاچقان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا جاۋابكار بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىۋېتىش، ئۇلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش ئەمدى پۈتۈنلەي مۇمكىن بولىدىكەن. ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى جېيمىس پېتېرسون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ؛ «مەزكۇر قانۇن تۇنجى قېتىم بىزگە ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىلا ئەمەس، يەنە تور جىنايەتلىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغۇچىلارنىمۇ جازالاش ئىمكانىغا ئىگە قىلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ماگنىتىسكى قانۇنى» نى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا تەتبىقلاش چۇقانلىرى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئ‍وتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر زور ئىجابىي قەدەمنى ئېلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتىكەن.