ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يېقىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى يۈكسەك ئاۋاز بىلەن قوللىغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەمدە ئامېرىكانى ئەيىبلەش ھەرىكىتى قوزغىغان.
بۇ ھەرىكەتكە ئاساسەن ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەردەرىجىلىك رەھبىرىي كىشىلەر، كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسى ھەم شۇنداقلا ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىقىپ بولغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارمۇ ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەشكە سېلىنماقتا.
26- دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورىدا يەنە 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرىدىن مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەپىقىسى، خىتاي مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ماھىنۇر قاسىم خانىمنىڭ باياناتى ئېلان قىلىنغان.
«كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەزىل نىيىتىنى قەتئىي پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە مۇشۇ خىلدىكى ئەيىبلەش ماقالىلىرىدە ئورتاق قوللىنىۋاتقان ئىبارىلەر ئارقىلىق ئامېرىكا «خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش»، «تېرورلۇق مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەم ئىشلىتىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. ماھىنۇر خانىمنىڭ ماقالىسىدە «ئامېرىكا تەرەپ گۈللەنگەن، مۇقىم شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىماي، ئوچۇق - ئاشكارا پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىپ،...شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قەستەن تۆھمەت قىلدى،» دېگەن سۆزلەر ئورۇن ئالغان.
ھالبۇكى، بۇ يىل 6- ئايدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان چەۋرىسى نۇرىيە قاسىمى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇچراۋاتقان ئېغىر روھىي بېسىمى ھەقققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. نۇرىيە قاسىمى شۇ قېتىم پادىشاھلىق مېلبۇرن تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى «شەھەر ژۇرنىلى» نىڭ 10-ئىيۇن سانىغا بېسىلغان ماقالىدە قىلغان سۆزىدە «يېقىندا بىر تۇغقىنىمىزنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاپاممۇ باشقىلاردىن ئاڭلاپتۇ،» دېگەن. شۇنداقلا ئاپىسىنىڭ ھېچقانداق تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىنىڭ بولمىغانلىقى ياكى ۋەتەنگە بېرىپ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.