ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس 20-نويابىر كۈنى مالايسىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ماخاتىر بىن مۇھەممەد (Mahathir bin Mohamad) كە ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭ مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى قوللىماسلىق توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
مەكتۇپتا ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى 16-نويابىر كۈنى ماخاتىر ئۆز نامىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە مالايسىيادىكى ھەرقايسى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى قوللاش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا ئاۋاز قوشماسلىق، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى قوللىماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ ئوچۇق خېتىدە دەل مۇشۇ ئەھۋاللار تەنقىدلىنىپ، «ئەينى ۋاقىتتا 24 يىل مالايسىيا باش مىنىستىرى بولغان، شۇنىڭدەك ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشھۇر يېتەكچىلىرىدىن بىرى دەپ قارايدىغان ماخاتىرنىڭ بۇنداق بىر باياناتنى ئېلان قىلىشى ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى سۈپەتلىرىگە زادىلا ماس كەلمىگەن بىر قىلمىش» دەپ ئەسكەرتىلگەن.
ئوچۇق مەكتۇپتا ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كەچمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن زېمىننىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا مەھكۇم بولغاندىن بۇيان سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ساھەلەردە قانداق ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەڭ ئەقەللىيسى 2016-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان قىرغىنچىلىقتا مىليونلارچە مۇسۇلماننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت تېررورىزمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئىسلام دىنىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭدەك ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرىنىڭ بۇ قىلمىشنى «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشىدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئوخشاش دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭمۇ ئاللىقاچان بۇ قىلمىشلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا ماخاتىرنىڭ بۇنداق بىر باياناتنى ئېلان قىلىشى تەنقىدلىنىپ، «بۇ باياناتىڭىز ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامغا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇشقا ئاپىرىدۇ. بىز سىزنىڭ بۇ باياناتنى تېزدىن قايتۇرۇۋېلىشىڭىزنى سورايمىز» دېيىلگەن.
