يوقاپ كەتكەن مالايشىيا ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بېيجىڭدا نامايىش قىلدى

2014‏-يىلى 8‏-مارت كۈنى بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن MH 370 نومۇرلۇق ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئايروپىلان ئىزدەشنى توختىتىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. يوقاپ كەتكەن ئايروپىلان مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇرنىڭ قوزغىلىپ، يولدا غايىب بولغان. ئايروپىلاندىكى بىر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 239 نەپەر يولۇچىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي پۇقراسى ئىدى.

ئايروپىلاندىكى ئۇيغۇر يولۇچىنىڭ رەسسام مەمەتجان ئابدۇللا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. لېكىن خىتاي تور بەتلىرىدە ئايروپىلاننى بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېلىپ قاچقانلىقى مۇنازىرە قىلىنغان. خىتاي ھاۋا يوللىرى دائىرىلىرىنىڭ يولۇچىلار تىزىملىكىدىن ئۇنىڭ ئىسمىنى چىقىرىۋېتىشى تېخىمۇ گۇمان قوزغاپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئۇنىڭغا قىلىنغان بوھتان ھەم كەمسىتىش، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئايروپىلاننىڭ بەزى پارچىلىرى جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىن تېپىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسى ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان. نەتىجىدە مالايشىيا، ئاۋسترالىيە ۋە خىتاي 3 دۆلەت ئۆتكەن ھەپتە يىغىن ئېچىپ، ئىزدەشنى توختىتىشنى قارار قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غايىب يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان. يولۇچىلارنىڭ بىر ئائىلە تاۋابىئاتى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، «بىزنىڭ، ئۇ يىغىندا قانداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى تولۇق بىلىشكە ھەققىمىز بار» دېگەن.