مالايشىيادىكى خىتاي ئەلچىسىنىڭ مالايشىيانى ئىرقچىلىق بويىچە ئەيىبلىشى غۇلغۇلا قوزغىغان

«ئاسىيا سېنتىنال» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايشىيادىكى خىتاي ئەلچىسىنىڭ مالايشىيانى ئىرقچىلىق بويىچە ئەيىبلىشى مالايشىيا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان دىپلوماتىك سۈركىلىشكە سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۋاڭ خۇيكاڭ 28-سېنتەبىر كۈنى بايانات بېرىپ، مالايشىيادىكى خىتاي رايونلىرىنىڭ مالاي مىللەتچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ باياناتىدا، مالايشىيانىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي كەمسىتىش بويىچە جىددىيچىلىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان.

خىتاي ئەلچىسىنىڭ ئىرقچىلىق بويىچە مالايشىيانى ئەيىبلىشى مالايشىيانىڭ ئاساسلىق يەرلىك خەلقى بولغان مالاي مۇسۇلمانلىرىنى غەزەبلەندۈرگەن.

مەلۇمكى، خىتاي مالايشىيانىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مالايشىيادىكى خىتاي نەسىللىك ئاھالىلەر مالايشىيا ئىقتىسادىنىڭ خېلى زور قىسمىنى كونترول قىلىدىكەن.

مالايشىيادىكى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ئەلچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مالايشىيادىكى خىتاي ئاھالىلىرىگە يەل بېرىشى ئەمەلىيەتتە مالايشىيادىكى ئىرقىي ۋە دىنىي توپلۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ، دەپ قارىماقتا.