مالايسىيا سوتى ئۆزبېكىستانلىق ئۈچ ئايالغا زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە مەزكۇر ئۈچ ئايال 2010 - يىلى جەمئىي 10 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىكنى كۇالا لامپور ئايرودرومىغا ئېلىپ كەلگەندە تۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 4.2 كىلوگرام، 3.6 كىلوگرام ۋە 2.2 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىكنى 2010 - يىلى 7 - سېنتەبىر كۈنى ئېلىپ كەلگەندە قولغا چۈشكەن ھەمدە مالايسىيا تەرەپ ئۇلارنى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەزەروۋا ئىسىملىك ئايالنىڭ يۈكلىرى ئارىسىدىن زەھەرلىك چېكىملىك بايقالغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنى تاشكەنت ئايرودرومىدا بىرسىنىڭ بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەمما مالايسىيا سوتى ئۇنى قوبۇل قىلمىغان.
بۇ ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە مالايسىيان د ۋ د ئاپپاراتى ۋە كومپيۇتېر ئالغىلى كەلگەنلىكى، بۇلارنى ئۆزبېكىستان ساتىدىغانلىقى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ بۇ دۆلەتتە مۇنداق قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى ئىمكانىيىتى بارمۇ يوق نامەلۇم ئىكەن. مەلۇمكى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن ھازىر 6 - 7 مىليون ئۆزبېكىستانلىقنىڭ رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەردە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.