مالايسىيا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.01.23

مالايسىيا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى سەيفۇددۇن ئابدۇللاھ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سەيفۇددۇن ئابدۇللاھ 22-يانۋار كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي سىياسەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ئالاقىلىرى ئۈستىدە توختالغان. ئۇنىڭ سۆزىدىن كېيىن سوئال-جاۋاب قىسمىدا كومىتېت ئەزالىرىدىن بەزىلىرى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەنىڭ نېمىلىكىنى سورىغان.

مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفۇددۇن ئابدۇللاھ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ، «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىۋاتىمىز ۋە ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتىمىز،» دېگەن.

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، «بۇ مەسىلىدە مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۆز پوزىتسىيىرىمىزنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدەنمەكتە،» دېگەن.

مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفەددۇن ئابدۇللاھ دىنىي ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۈيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق قارارىنى ئالغان ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇندىن باشقا يەنە مالايسىيا پارلامېنت ئەزاسى ۋە بولغۇسى باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.