مالايسىيا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ 3-بىر دۆلەتكە بىخەتەر يەرلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىقى سۆزنى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدىكى مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارى موھىد رەدزۇئان دېگەن. ئۇ: «ئەگەر ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مالايسىياغا قاچقان بولسا، بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنى قايتۇرماسلىقنى قارار قىلدۇق،» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يۇقىرىقى بۇ سۆزى مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىكەن. گەرچە بۇ باياناتنىڭ قاچان ئېلان قىلىنغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە رەسمىي يوسۇندا ئېنىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
رويتىرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خىتاينىڭ كۇئالالۇمپۇردىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ پىكرىنى ئالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.
2018-يىلى ئۆكتەبىردە مالايسىيا دائىرىلىرى خىتاينىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە قارىماي، 11 ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە مېڭىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا خىتاي بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغاندا ئەينى ۋاقىتتىكى مالايسىيا باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد قويۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مالايسىيادا «ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مالايسىيا ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامىلىشىغا قارىتا باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مالايسىيادىكى نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە زور ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.