خىتاي، مالايسىيانىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشىگە نارازى بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.10.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇندىكى 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قويۇپ بېرىپ تۈركىيەگە يولغا سېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى تەنقىدلىگەن.

باياناتتا مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىگە پىسەنت قىلمىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ: «بىز مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق. بۇ كىشىلەر ھەممىسى خىتاي پۇقراسى ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە ئەۋەتىلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېيىلگەن.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى كۈچلۈك تەلىپىگە قارىماي، سوتقا چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغان بۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بارلىق ئەيىبنامىلەرنىڭ بىكار قىلىپ، ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىرىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى قاتتىق سۆيۈندۈرگەن.

جۈمە كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالدى. بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قارارنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە «تايلاند ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنلىرىغا بىنائەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە سالامەت ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك»، دەپ ئەسكەرتتى.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ھازىر تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى كۈتۈپ ياتقان 50 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن سۈرۈلۈپ كېتىشى خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك مۇساپىرلار قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، ھەرقايسى ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرمۇ «گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەگە ئوخشاش ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك»، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.