داتۇق يەھيا: «مالايسىيا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ!»

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇشلارغا قارىتا ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق سادالىرىنىڭ مالايسىيادىنمۇ چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مالايسىيانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داتۇق يەھيانىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى بۇنىڭدىكى يەنە بىر كۈچلۈك مىسال، دېيىشكە بولىدىكەن.

مالايسىيادىكى چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «چولپان» گېزىتىنىڭ 18-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھەرقانداق مىللەتكە قارىتىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داتۇق يەھيا بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرگە قارىتا مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى ھەمدە تەۋسىيەلىرىنى ئىپادىلىدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى باشقىلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا، بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى» دېگەن.

ئۇنىڭ مەزكۇر گېزىتكە بىلدۈرۈشىچە، بانگلادەش پايتەختى داككا شەھىرىدە ئېچىلغان «ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى» نىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنىدا مالايسىيا ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر كېڭەش رەئىسىدىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

داتۇق يەھيا بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىنىڭ داۋامىدا «شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمىتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بۇ رايوندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىلىرىنى تېپىپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىدۇ» دېگەن.