دائىرىلەر 23-ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنى قەھرىمان دەپ ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئاپرېل خەۋىرىدە، 23-ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسىدە ئۆلگەن 15 نەپەر كادىر، ساقچىغا « تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى قەھرىمان » دېگەن نام بېرىلىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى قەشقەر مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇلار ئۈچۈن تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ باياناتى نەقىل ئېلىنىپ، 29-ئاپرېلغىچە قەشقەر مارالبېشى ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 25كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، ۋەقەدىن كېيىن 20 دانە بومبا ئۈسكۈنىسى، 3 دانە « جىھات بايرىقى » تېپىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

27-ئاپرېل كۈنى ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى دېيمان گراماتىكاس 23-ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە « زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىمۇ،ياكى تېررورچىمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي مارالبېشى ۋە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشى ۋە مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇزۇن مۇددەت باستۇرۇلۇش سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قورقۇتۇشى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ۋەقە ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈشنى خالىمايۋاتقانلىقى بايان قىلىغان.