ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو 3-ئاينىڭ 14-كۈنى تىۋىتتېر يوللاپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىگە ئائىت يېڭى ئۇچۇرلار ئاساسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماركو روبىيو يەنە بۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان 37 سېكونتلۇق ۋىدىيوسىدا: «بۇ ۋىرۇس ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانىسىدىن چىقىپ، پۈتۈن دۇنياغا يامرىدى. بۇ، ئۇلار مەڭگۈ ئېتىراپ قىلمايدىغان بىر پاكىت. بىزدە بۇ پاكىتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇ ھېكايىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدىغان ئىسپاتلار تولۇق. ھالبۇكى ئۇلار بۇ ھېكايىنى كىشىلەرنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر ئىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ» دېگەن.
2020-يىل خىتايدىن باشلاپ يامرىغان كوۋىد ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا 7 مىليونغا يېقىن ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بۇيان بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدە تالاش-تارتىش داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. خىتاينىڭ بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىغانلىقى خەلقئارادا زور گۇمان قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى.
ئۆتكەن ئايدىن بۇيان بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن يامرىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يەنە كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراي (Christopher Wray) 2-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ، كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى تەجرىبىخانىدىن يامرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانىدى.