ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا ئائىت يەنە بىر قانۇن لايىھەسى تەييارلاپ كېڭەش پالاتاسىغا سۇنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ تەييارلىغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ بىر نۇسخاسى ئىلگىرى ئاۋام پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم بىلەن دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئامې بېرا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغان قويۇلغان ئىدى.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئۇنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشنىڭ يولىنى ئېچىشتىكى ھالقىلىق قەدەم، دەپ قارالماقتا. ماركۇ رۇبىيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا ۋە كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان بولغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يىرگىنىشلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بارماقتا. ئامېرىكا بۇ قورقۇنچلىق خورلاشقا سۈكۈت قىلالمايدۇ.»
ماركۇ رۇبىيو يەنە «مەن ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشنى ۋە قوغداشنى كۈچۈيتىش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسى سۇنغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن ۋە شۇنداقلا مەسلەكداشلىرىمنى بۇ قانۇن لايىھەسىنى تېزراق ماقۇللاشقا چاقىرىمەن،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئامېرىكا نۇتۇق پروگرامممىسىغا كىرگۈزۈپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئاممىۋىي دىپلوماتىيە مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكنى سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش؛ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشىلاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلىش؛ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىستىراتېگىيەسىنى بەلگىلەش؛ ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلەش؛ خىتاي، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلار كۆپرەك ياشايدىغان باشقا دۆلەتلەردىكى ئامېرىكا دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا ئاز دېگەندە بىردىن ئۇيغۇر تىلى بىلىدىغان خادىملار بولۇش؛ ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسىگە ب د ت دا ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە كاشىلا قىلىشقا ئالاقىدار ھەرقانداق قارارغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىش، قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.