ماركۇ رۇبىيو، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قەتئىي ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

«ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى سۇنغۇچىلاردىن بىرى بولغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو 30-ئىيۇن كۈنى ۋىدېيو نۇتۇقى ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئ‍ىجرا قىلىنىشقا باشلىغان مەزكۇر قانۇننى قاتتىق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ماركۇ رۇبىيو سۆزىدە «بۇ قانۇن، مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇللار ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن تەمىنلىمىگۈچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (XUAR) ياكى مەزكۇر رايوننىڭ سىرتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىغا چېتىشلىق ئورۇنلاردىن مال ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

رۇبىيو يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرى ئەمدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان مىللەتلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە كۆز يۇمالمايدۇ. ئامېرىكا ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قۇللار ئەمگىكىنى ئىشلىتىشىگە قارشى ئورنىدىن دەس تۇردى. بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى چوقۇم قەتئىي ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.»

ماركۇ رۇبىيونىڭ مەزكۇر ۋېدىيوسى يېقىندىن بېرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا پرېزىدېنت بايدېننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى بەك قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق توغرىسىدا بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېن ئۆتكەن ھەپتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يۈزلىشىش ئىرادىسى كەسكىن سىناققا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە سودا مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئالغانلىقى، قانۇننىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئ‍ۆز ۋاقتىدا بۇ قانۇننىڭ ماقۇللۇنىشىغا قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن ئ‍وخشاش كىشى ۋە گۇرۇھلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. جوش روگېن يەنە ئەگەر ئاقساراي خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سانائىتىنىڭ بۇرۇنقىدەك نورمال ئىشلىشىگە بوشلۇق يارتىپ بەرسە، پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىدىغانلىقى» نى ئ‍ېيتقان ئىدى.