شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئوقۇتۇشىدا خىتايدىكى ئالدىنقى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، خىتاي تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ماركسىزم ئوقۇتۇشى بويىچە خىتايدىكى ئەڭ ياخشى 6 ئالىي مەكتەپنىڭ بىرى، دەپ باھالىغان.

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماركسىزم ئوقۇتۇشىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان 6 ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىدە يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىمۇ بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى خىتايدىكى ئالدىنقى 100 ئالى مەكتەپ تىزىملىكىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش جەھەتتىكى سەۋىيەسى ھېچقاچان خىتايدىكى ئالدىنقى 50 ئالى مەكتەپنىڭ قاتارىغا كىرىپ باقمىغان ئىكەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇسۇلمانلار خېلى زور سالماقنى ئىگىللىلەيدىغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماركىزىسىم ئوقۇتۇشىدا خىتايدىكى ئالدىنقى 6 ئالى مەكتەپنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇش نامىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق چەكلەپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرگە ماركسىزم ۋە خۇداسىزلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ يىل 6‏-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەلى بارات «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قارشى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا «ماركسىزمنى يېتەكچى قىلماسلىق»، «غەربلەشتۈرۈش» نى «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» نىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ماركسىزملىق دۇنياقاراشنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ماركسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيەسىنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە «بۇ ئەھۋال خىتايدا دىققەتنى ماركسىزم ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»، دېيىلگەن.