ئاقسۇدىكى ماسكا جىددىيلىكى يۇقۇمغا دائىر قىسمەن ئەھۋاللاردىن بېشارەت بەردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.01

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بازارلارغا يامراپ كەتكەن يالغان ۋە ساختا ماسكىلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ماسكا بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كېپىللىك قىلىشقا تىرىشماقتىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ بازارلىرىدا مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، ھېچقانداق لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بولمىغان ياكى ماسكا رولىنى ئوينىيالمايدىغان زور ساندىكى ساختا ماسكىلار تارقالغان.

ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەممە شەھەر ۋە ناھىيەلەر تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنى ئالغانىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ھۆكۈمەت تارماقلىرى يۇقۇمدارلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى، باشقا جايلاردا، جۈملىدىن ئاقسۇدا بىرمۇ يۇقۇمدارنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە نۆۋەتتە ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلغان ماسكا زاۋۇتلىرى ھەر كۈنى 450 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ «ماسكا ئېھتىياجىنى قاندۇرماقتا» دېيىلىدۇ. ماسكا ئىشلەپچىقىرىشىدىكى بۇ خىل زور كۆلەم ھەمدە يۇقۇمغا قارشى قامال قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ تېخى تولۇق بىكار قىلىنمىغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن بەزىلەر «نۆۋەتتە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدە ئاشكارىلانمىغان سىرلار بولۇشى مۇمكىن» دېگەننى ئالغا سۈرمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.