خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرسلىكلىرىدىن ماۋ زېدۇڭ ھەققىدىكى تېكىستلەر چىقىرىۋېتىلىدۇ» دېگەن خەۋەرنىڭ يالغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەن

خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 18-دېكابىر كۈنى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرسلىكلىرىدىن ماۋ زېدۇڭ قاتارلىقلار ھەققىدىكى تېكىستلەر چىقىرىۋېتىلىدۇ» دېگەن خەۋەرنىڭ يالغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى ئاممىۋى تور بەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار كىتابلاردىن تاللاپ ئېلىنغان ماۋ زېدۇڭ، لۇ شۈن، لېي فېڭ، خۇاڭ جىگۇاڭ قاتارلىق شەخسلەرگە ئائىت تېكىستلەرنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىدىكەن» دېگەن خەۋەر تارقالغان.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى خەۋەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ماۋ زېدۇڭغا مۇناسىۋەتلىك تېكىستتىن 37 سى؛ لۇ شۈننىڭ ئەسىرىدىن 18ئى؛ لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان، لېي فېڭ، خۇاڭ جىگۇاڭ، دۇڭ سۈنرۇي قاتارلىق خىتاي ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرى تەسۋىرلەنگەن تېكىستتىن بىر قانچىسى بار ئىكەن.