ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي 5-ئاينىڭ 13-، 14-كۈنلىرى قەشقەر بىلەن قىزىلسۇدا خىزمەت تەكشۈرگەن.
ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت روھى ئۈستۈن بولغان قەشقەردە مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بولۇپ، قايتىدىن «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.
«تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 14-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇ بۇ جايلاردىكى ئىدىيە مائارىپى، كارخانىلار، چېگرا ئېغىزى، يېزا-ئاساسىي قاتلام خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يەنىلا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ما شىڭرۈي يەرلىك كادىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شاھماتنىڭ كۆزىدەك مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ مۇقىملىقنى ساقلاشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىش» دېگەنلەرنى قايتا تەكىتلىگەن.
قەشقەر خېلى بۇرۇنلا پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغا تۇتىشىدىغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلانغان بولۇپ، ما شىڭرۈي بۇ قېتىم قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ يادرولۇق ئىقتىساد رايونلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ياۋرو-ئاسىياغا ئېچىلغان كۆۋرۈكنىڭ بېشى بولۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يەنە «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى جانلىق، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش، ھەر قايسى مىللەتلەرنى مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پسىخىكا جەھەتلەردە يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئېڭىنى تىكلەش» قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، ما شىڭرۈينىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىش» دېگەنلىرىنىڭ ماھىيەتتە باشقا مىللەتلەرنى ئۆزگەرتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي كومپارتىيەسى شۇنى بىلىدۇكى، ئوخشاش مىللەت، ئوخشاش ئىدىيەدىكى پۇقرالارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئاسان. جۇڭخۇا مىللەتلىرى دېگەننىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ، خىتايلاشتۇرۇشلا راست» دېگەنىدى.