ما شىڭرۇي قەشقەردە يىغىن ئېچىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قەتئىي بوشاشتۇرماسلىقنى تەكىتلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.07.31

خىتاي كومپارتىيەسى يېقىندا قەشقەردە «كومپارتىيە 20 نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 3 ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» نامىدا بىر يىغىن چاقىرغان. بىراق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش نامىدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا «ئاساسىي قاتلامدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى، مۇقىملىقنى قوغداشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» تەكىتلەنگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 28-ئىيۇل كۈنى قەشقەردە چاقىرىلغان بۇ يىغىندا پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي مەخسۇس سۆز قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

 «…جەنۇبىي شىنجاڭدا تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. ئېھتىياتچانلىق ۋە سەزگۈرلۈكنى ساقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› گە قاتتىق زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاش كېرەك. »

ماشىڭرۇي يەنە، چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دەپ ئاتىلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى كۈچەيتىش، مىللەتلەرنى يۇغۇرۇۋېتىش ھەققىدىمۇ نۇقتىلىق توختالغان. ئۇ سۆزىدە: «دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتىكى قانۇنچىلىقىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ …ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىش كېرەك» ، «ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ » دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەن سىياسەتلىرىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن نورماللىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىدى.

ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تېخى يېقىندا «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا رايوندىكى ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ جىمجىت قىرغىنچىلىققا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.