مايك پومپېئو كەرىم مەسىموف بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو 26‏-ئاپرېل كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى كەرىم مەسىموف بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈپ، قازاقىستاندا پرېزىدېنتلىق ئورنىنىڭ ئالمىشىشى، بۇ يىل 6‏-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان قازاقىستان پرېزىدېنت سايلىمى ۋە شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، مايك پومپېئو كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ كرىزىستا «شىنجاڭدا ياشايدىغان نۇرغۇن ئېتنىك قازاقلار قۇربانلىققا ئايلاندى» دېگەن. لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، پومپېئونىڭ سۆزىگە مەسىموفنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى.

قازاقىستان خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق دۆلەت بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى، لاگېر سىرتىدىكىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىشى، ئۇرۇق‏-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغان قازاقىستاندىكى ئورالمان قازاق پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. دائىرىلەر ئاخىرى بۇ يىل 3‏-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى قىلىپ كېلىۋاتقان قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئاتا-يۇرت» نىڭ ئىشخانىسىنى پېچەتلەپ، ئۇنىڭ رەھبىرى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى تۇتقۇن قىلغان. بىلاشئوغلى «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قىلمىشى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئاستانادا نەزەربەند قىلىنغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، مايك پومپېئو مەسىموفقا يەنە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى كۈچلۈك رەۋىشتە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.