مايكېل كلارك: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى پۇقرالارنىڭ ئوي-پىكىرىنىمۇ كونترول قىلماقچى»
2018.08.31
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور مايكېل كلارك «خىتاينىڭ يوشۇرۇن ھاكىممۇتلەقلىقى - شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى پۇقرالارنىڭ ئوي-پىكىرىنىمۇ كونترول قىلماقچى» ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىياسەتلىرى بايان قىلىنغان.
ئاپتور 29-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنى مەدھىيەلەپ، ئۇنى يىپەك يولى روھى ئاساسىدا پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشنى، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق بەرپا قىلىشنى شۇنداقلا ئېچىۋېتىش ۋە ھەممىنى سىغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شوئار ئۇيغۇرلار ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان ھاكىممۇتلەق بىر رېئاللىققا پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى كېلىدۇ.» ئۇ ماقالىسىدە يەنە «ئەكسىچە، خىتاي شىنجاڭدا بىز پەقەتلا يۇقىرى تېخنىكىلىق فانتازىيە فىلىملىرىدا كۆرىدىغان قورقۇنچلۇق كېلەچەكنى شەكىللەندۈرۈپ بولدى،» دېگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان «مۇقىملىقنى ساقلاش» دېگەن تېمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق خىزمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىككە ئاجرىتىلغان راسخوتنىڭ 2017-يىلى بىراقلا ئۆسۈپ، 9 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زامانىۋى پەن-تېخنىكا، غايەت زور ساقچى قوشۇنى ھەمدە شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ زېھنىنىمۇ مۇتلەق كونترول قىلىپ، ھاكىممۇتلەقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.